ئەردوغان مۇسۇلمان بوكس شاھى ئەلىگە تەزىيە بىلدۈردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بوكس شاھى مۇھەممەد ئەلىنىڭ رەپىقىسىگە تېلېفون قىىپ تەزىيە بىلدۈردى.

504153
ئەردوغان مۇسۇلمان بوكس شاھى ئەلىگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋاپات بولغان ئەپسانىۋى بوكس چېمپىيونى مۇھەممەد ئەلىنىڭ رەپىقىسى لوممى ئەلىگە تېلېفون قىلىپ تەزىيە بىلدۈردى.

ئەردوغان مۇھەممەد ئەلىنىڭ تۈرك مىللىتى بولۇپ پۈتكۈل مۇسۇلمان مىللەتلىرىنىڭ نەزىرىدە ئالاھىدە ئورنى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

تېلېفوندا ئەردوغان بوكس شاھىنىڭ ۋاپاتىدىن تولىمۇ قايغۇرغانلىقىنى ئېيتىپ،مۇھەممەد ئەلىگە ئاللاھتىن رەھمەت ۋە ئائىلىسىگە سەۋر-تاقەت تىلىدى.

تېلېفوندا مۇھەممەد ئەلىنىڭ رەپىقىسى لوممى ئەلى، ئەردوغانغا ئائىلىسىنىڭ قايغۇسىنى ئورتاقلاشقانلىقىدىن ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

بۇنىڭدىن باشقا، تەنتەربىيە تارىخىغا ئالتۇن ھەرپلەر بىلەن ئىسمىنى يازدۇرۇشقا مۇۋاپپەق بولغان دۇنيا بوكس چېمپيونى مۇھەممە ئەلىنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىخلاسمەنلىرىنى قايغۇغا چۆمدۈردى. مۇھەممەد ئەلىنىڭ تۇغۇلغان يۇرتىغا دەپنە قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پەيشەنبە كۈنى ئائىلە ئىچىدە مۇراسىم ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى، جۈمە كۈنى بولسا كەنتۇچكاي ئىشتاتىنىڭ لويسۋىللې شەھىرىدە ماتەم مۇراسىمى ئۇيۇشتۇرۇلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

بۇ ئارىلىقتا، لويسۋىللې خەلقى چېمپىيون مۇھەممە ئەلى ئۈچۈن  مەخسۇس بەرپا قىلىنغان مۇھەممەد ئەلى مەدەنىيەت مەركىزى ۋە مۇزېيىغا گۈل-چەمبىرەك قويدى.

يىللار بۇرۇن بوكس مەيدانلىرىدا ھەممىنى تاڭ قالدۇرغان بوكسىيور مۇھەممەد ئەلى نەپەس يولىدىكى مەسىلە سەۋەبىدىن داۋالىنىۋاتقان دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي 74 يېشىدا ۋاپات بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر