نىگېردىكى توقۇنۇشتا 32 ئەسكەر ئۆلدى

نىگېردا ئارمىيە كۈچلىرى بىلەن بوكوھارام ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 32 ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلدى.

504283
نىگېردىكى توقۇنۇشتا 32 ئەسكەر ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېر مۇداپىئە مىنىستىرلىقى توقۇنۇش توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلىپ، دۆلەت شەرقىي جەنۇبىدىكى پوسو شەھىرىدە ئارمىيە بىلەن بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى، توقۇنۇشتا 32 ئەسكەرنىڭ ئۆلگەنلىكى، 15 ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بوكو ھارامنىڭ دۆلەتنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى دىففا رايونىغا قاراتقان پەيشەنبە كۈنىدىكى ھۇجۇمىدا 8 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، كۆپ ساندا دۇكان تالان – تارانچ قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر