سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇملىرىدا 19 كىشى ئۆلدى
سۈرىيە ئارمىيەسىگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ھەلەبكە ۋارىل بومبىلىرىنى تاشلىشى نەتىجىسىدە 6 سى نارىسىدە بالا بولۇپ، جەمئىي 19 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
503556
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈنمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى قۇيرۇقچىسى بولغان پ ي د بىلەن سۈرىيە ئارمىيەسى ھەلەبتە ئۆكتىچىلەرنىڭ بىردىن - بىر چىقىش يولى بولغان كاستىللو يولىغا ھۇجۇم قىلغان، ھۇجۇمدا 7 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى 4 مىڭ 700 سۈرىيەلىك كۆچمەننىڭ دۆلەتتە ئىستىقامەت قىلىش پىلانىنى تەستىقلىدى. تېخىچە كۈتۈۋاتقان 7 مىڭ 900 سۈرىيەلىكنى تەكشۈرۈش خىزمىتى بولسا داۋاملاشماقتا.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما 2016 – يىللىق مالىيە خامچوت پىلانى دائىرىسىدە 10 مىڭ سۈرىيەلىكنىڭ ئامېرىكىدا ئىستىقامەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىش لايىھەسىنى تەستىقلىغانىدى.