قاتاردا يۈز بەرگەن ئوت اپىتىدە 11 كىشى قازا قىلدى

قاتاردا چەت ئەللىك ئىشچىلار تۇرۇۋاتقان لاگېردا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 11 كىشى قازا قىلدى، 12 كىشى يارىلاندى.

503054
قاتاردا يۈز بەرگەن ئوت اپىتىدە 11 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قاتتىق شىددەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئوت مىڭ تەسلىكتە ئۆچۈرۈلگەن.

ساياھەت قۇرۇلۇشىدا ئىشلەۋاتقان ئىشىچىلارنىڭ قايسى دۆلەتنىڭ پۇقراسى ئىكەنلىكى توغرۇلۇق مەلۇمات بېرىلمىدى. يارىلانغان 12 كىشى دوختۇرخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئوت ئاپىتىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، كۆپلىگەن ساياھەت قۇرۇلۇشى لايىھەلىرى ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقان نېفىتقا باي دۆلەت قاتاردا       چەت ئەللىك ئىشچىلارنىڭ كۆپ  قىسمى لاگېرلاردا تۇرىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر