ھىندىستاندا قانلىق تۇقۇنۇش يۈز بەردى

ئۇتتار پىرادېش ئۆلكىسىدە ساقچىلارنىڭ نامايىشچىلارغا مۇداخىلە قىلىشى نەتىجىسىدە 24 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

503529
ھىندىستاندا قانلىق تۇقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى ئۇتتار پىرادېش ئۆلكىسىدە ساقچىلارنىڭ نامايىشچىلارغا مۇداخىلە قىلىشى نەتىجىسىدە 24 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ساقچى مەسئۇللىرىنىڭ ئېلان قىلغان باياناتىدا، «Swadheen Bharat Subhaş Sena» ناملىق سىياسىي پارتىيەنىڭ قوللىغۇچىلىرى ھۆكۈمەتكە تەلەپلىرىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن نامايىشتا، ئاگاھلاندۇرۇشلارغا پىسەنت قىلماي تارقىلىپ كېتىشنى رەت قىلغان نامايىشچىلارغا ساقچىلارنىڭ مۇداخىلە قىلغانلىقى ۋە نەتىجىدە تۇقۇنۇش يۈز بېرىپ 200 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئۆلكە باشلىقى ئاخلىش ياداۋ: «جىنايەتچىلەر ھەرگىز جازاسىز قالمايدۇ» دېدى.

«Swadheen Bharat Subhaş Sena» پارتىيەسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى تەخمىنەن 2 يىلدىن بۇيان دۆلەتكە تەۋە 100 گېكتارلىق يەردە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. 

پارتىيە ئەزالىرى ۋە قوللىغۇچىلىرى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈپ نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىتىلىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر