فىرانسىيەدىكى ئىش تاشلاش تېخىمۇ زورايدى

فىرانسىيەدە خىزمەت قانۇن لايىھەسىگە قارشى باشلانغان نامايىشلارغا ئاۋىياتسىيە شىركىتى (Air France ) نىڭ ئۇچقۇچىلىرىمۇ قاتناشتى.

503484
فىرانسىيەدىكى ئىش تاشلاش تېخىمۇ زورايدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئۇچقۇچىلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئۈچ ئۇيۇشمىسى 11 – 14 – ئىيۇن ئارىسىدا ئىش تاشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئىش تاشلاشنىڭ 10 – ئىيۇن باشلىنىدىغان ياۋروپا لوڭقىسى چىمپېيونلۇقى ئۈچۈن كېلىدىغان ساياھەتچىلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. تۆمۈر يول خىزمەتچىلىرىمۇ 31 – ماي چىقارغان ئىش تاشلاش قارارىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتتى.

مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئوخشىمىغان ئۇيۇشمىلارنىڭ ۋەكىللىرى مۇزاكىرە ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئىش تاشلاش مۇددىتىنى ئۇزارتىش توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئېلان قىلغان. ئىش تاشلاشنىڭ خەلقئارالىق، شەھەرلەرئارا، رايونلۇق تۆمۈر يول قاتناشلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بەزى قاتناش سەپەرلىرىدە %50 دە ئاقساش كۆرۈلىدىكەن. فىرانسىيە تۆمۈر يول خىزمەتچىلىرى 31 – ماي مۇددەتسىز ئىش تاشلاشقا ئاتلانغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، شەھەرلەرئارا قاتنايدىغان پويىزلاردىن باشقا، ئىتالىيە، ئىسپانىيە ۋە گېرمانىيەگە قاتنايدىغان پويىزلارمۇ تەسىرگە ئۇچرىغان.

فىرانسىيە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كونفېدېراتسىيەسى 1 – ئىيۇن 19 يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋە ئېنېرگىيە سېخلىرىدا ئىش تاشلاش قارارى ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان. باياناتتا، 19 يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا ئېلېكتىر ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىش ياكى ھەجىمىنى تۆۋەنلىتىش تەلەپ قىلىنغان، شامال ئېنېرگىيەسىدىمۇ ئوخشاش ئۇسۇلنى قوللىنىش چاقىرىق قىلىنغان.

يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرىدىكى ئىش تاشلاش نەتىجىسىدە 125 مىڭ ئائىلە ئېلېكتىرسىز قالدى. فىرانسىيەنى كەڭ كۆلەملىك ئىش تاشلاش دولقۇنىغا دۇچار قىلغان يېڭى ئىش قانۇنى لايىھەسى، مارت ئېيىدىن بۇيان دۆلەت ئىچىدە ئەڭ كۆپ تالاش – تارتىش پەيدا قىلغان كۈنتەرتىپ ماددىسى بولۇپ قالدى. پارلامېنتقا سۇنۇلغاندىن تارتىپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىلەن ھۆكۈمەت ئارىسىدا ئوتتۇرىغا چىققان يىرىكچىلىكلەر، يېقىنقى ئىككى ھەپتىدە فىرانسىيەدە كۈندىلىك تۇرمۇشنى پالەچ ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. قانۇن لايىھەسى تەستىقلانغان ئەھۋالدا كۈنلۈك ئەڭ كۆپ بولغاندا 10 سائەت ئىشلەش تۈزۈمى 12 سائەتكە چىقىدۇ. ئىش توختامىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغانلارنى ئىشتىن چىقىرىش ئاسانلىشىدۇ، يېرىم كۈن ئىشلەيدىغانلارنىڭ ھەپتىلىك ئىشلەش ۋاقتى 24 سائەتتىن تۆۋەنلىتىلىدۇ، ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلىگەنلەرگە بۇرۇنقىدىن ئاز ھەق بېرىلىدۇ.

ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن لايىھەسىنى قايتۇرۇۋېلىشىنى، ئەكسىچە بولغاندا كەينىگە قايتمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. قانۇن لايىھەسى 8 – ئىيۇن كېڭەش پالاتاسىغا سۇنۇلىدۇ. ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى بۇ ۋاقىتقىچە ھۆكۈمەتكە بېسىم قىلىشنى پىلان قىلماقتا.            



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر