دائېش جاللىتى قولغا چۈشتىمۇ؟
دائېشنىڭ «توپا تۈرتكۈچ» لەقەملىك جاللىتىنىڭ قولغا چۈشكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
503333
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دائېشنىڭ جاللاتلىرىدىن «توپا تۈرتكۈچ» لەقەملىك، ئېغىرلىقى 127 كىلوگىرام كېلىدىغان تېررورىستنىڭ سۈرىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئىلگىرى دائېشنىڭ كۆپلىگەن تەشۋىقات ۋىدېئولىرىدا «توپا تۈرتكۈچ» نىڭ جاللاتلىق قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى ئېلان قىلىنغانىدى.