ياۋروپا: فىرانسىيەنىڭ يېڭى خىزمەت قانۇنىنىڭ رەسمىيلىشىشى زۆرۈر

ياۋروپا ئىتتىپاقى فىرانسىيەنىڭ يېڭى ئىش - خىزمەت قانۇنىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

501675
ياۋروپا: فىرانسىيەنىڭ يېڭى خىزمەت قانۇنىنىڭ رەسمىيلىشىشى زۆرۈر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا كومىتېتى باشلىقى جېئىن كلائۇد جانكېر، قانۇن لايىھەسىگە كىرگۈزۈلگەن ئۆزگەرتىشلەرنىڭ ئىش – خىزمەت ھوقۇقىغا قىلىنغان ھۇجۇم ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

فىرانسىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۈزىتىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن جانكېر، نارازىلىق پەيدا قىلغان قانۇن لايىھەسىنىڭ رەسمىيلىشىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، شۇنداق بولغاندا ئارزۇ قىلىنىۋاتقان ئىسلاھاتنى ئېلىپ بارغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ، فىرانسىيە ئەمگەك قانۇنىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۈزىتىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن لايىھەگە بىلدۈرۈلگەن نارازىلىقلارغا ھەيران قالمىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

فىرانسىيەنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنى ئوڭشاش ئۈچۈن 2012- يىلىنىڭ مابەينىدە بىر قاتار تاپشۇرۇقلارنى بېرىپ كەلگەن كومىتېتنىڭ باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان جانكېر، فىرانسىيەدىكى نامايىش ۋە ئىش تاشلاش ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ، «بىر ئىش تاشلاشقا خاتىمە بېرىشنى بىلىش كېرەك» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر