ئامېرىكىدا ئىرقچىلار مۇسۇلمانلارغا قارشى قورال تەلىمى بەرمەكتە

ئامېرىكىدا ئىرقچىلار يەرلىكلەرگە مۇسۇلمانلارغا قارشى ھەربىي تەلىم بەرمەكتە.

501971
ئامېرىكىدا ئىرقچىلار مۇسۇلمانلارغا قارشى قورال تەلىمى بەرمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ تېكساس ئىشتاتىدىكى ئىرقچى تەشكىلاتلار تەلەپ قىلغۇچىلارغا مۇسۇلمانلارغا قارشى قورال ئېتىش تەلىمى بەرمەكتە.

ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى ئىشخانىسى ناملىق فاشىست بىر تەشكىلات توردا بىر ۋىدىئو ئېلان قىلىپ، «ئامېرىكىغا مۇسۇلمانلارنىڭ كۆچۈپ كېلىشىگە توسالغۇ بولۇش ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسيان كۆتۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش»كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، تەلەپ قىلغۇچىلارغا قورال ئېتىش تەلىمى بېرىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

«مۇسۇلمانلارنى ئۇدۇل دوزاخقا ئەۋەتىش»ئۈچۈن چوشقا قېنى بىلەن يېغىغا چىلانغان ئوقلارنى ئىشلىتىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن تەشكىلات، ئوباما ھاكىمىيىتىگە خىتاپ قىلىپ ئوبامادىن مۇسۇلمان مۇساپىرلارنىڭ ئامېرىكىغا كېلىشىگە توسالغۇ بولۇشىنى تەلەپ قىلدى.

تەشكىلات «مۇساپىرلار دولقۇنى»توغرۇلۇق ھەر خىل قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، گوردىيان گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئامېرىكىنىڭ 2012-يىلدىن 2015-يىلغىچە سۈرىيەدىنلا 2175 مۇساپىرنى قوبۇل قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر