ئاق دېڭىز يەنە 700 ئادەمگە مازارا بولدى

ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومېسسارلىقى، ھاۋانىڭ ئىسسىشىغا ئەگىشىپ دېڭىز يولى ئارقىلىق ياۋروپاغا كېتىش ئۈچۈن ئاتلانغان مۇساپىرلار سانىنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

500191
ئاق دېڭىز يەنە 700 ئادەمگە مازارا بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومېسسارلىقى باياناتچىلىرىدىن ۋىليام سپىندلېر، چارشەنبە كۈنى غەرق بولۇپ كەتكەن كېمىدىكى كەم دېگەندىمۇ 100، پەيشەنبە كۈنى غەرق بولۇپ كەتكەن كېمىدىكى 550 ئادەمنىڭ يۇقاپ كەتكەنلىكىنى، جۈمە كۈنى بولسا، ئىتالىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ دېڭىزدىن 45 كىشىنىڭ جەسىتىنى سۈزۈۋالغانلىقىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، «چارشەنبە كۈنىنىڭ مابەينىدە ئۈچ ئايرىم كېمىدىكى كەم دېگەندىمۇ 700 ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن بولۇشىدىن ئەندىشە قىلماقتىمىز» دېدى.

ئىتالىيە تاراتقۇلىرىدىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەردە، ھەپتە بېشىدىن بۇيان 13 مىڭ ئادەمنىڭ دېڭىزدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقى، 65 كىشىنىڭ جەسىتىنىڭ سۈزۈۋېلىنغانلىقى ۋە يۈزلەرچە كىشىنىڭ ئىزدېرىكىنىڭ يوقلۇقى قەيت قىلىندى.

مۇساپىرلار قۇرۇقلۇقتىكى بالقان يولى تاقىلىپ قالغاندىن كېيىن دېڭىز يولى ئارقىلىق ياۋروپاغا كېتىشنىڭ پېيىغا چۈشۈۋاتقان بولسىمۇ، ئاق دېڭىز ئوتتۇرا شەرقتە داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇشتىن ياۋروپاغا كېتىپلا قۇتۇلۇشقا بەل باغلىغان مۇساپىرلارنىڭ قەبرىستانلىقىغا ئايلانماقتا.

2014 ۋە 2015 ئىككى يىل ئىچىدە ئاق دېڭىزدا 7 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئادەم ئەتكەسچىلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان بىچارە مۇساپىرلار خەتەرلىك كېمىلەرگە ئولتۇرۇپ بۇ يولغا ئاتلىنىدۇ. ئاساسلىقى لىۋىيەدىن يولغا چىقىدىغان كېمىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىتالىيە بارالمايلا دېڭىزغا غەرق بولۇپ كېتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر