تۈركلەر گېرمانىيەدە نامايىش قىلدى

2 – ئىيۇندا گېرمانىيە فېدېراتسىيە مەجلىسىدە ئاۋازغا قويۇلىدىغان ئاتالمىش «ئەرمەن قىرغىنچىلىقى لايىھەسى» گە قارشى نامايىش قىلىش ئۈچۈن 1500 دىن ئارتۇق تۈرك بېرلىندە توپلاندى.

500576
تۈركلەر گېرمانىيەدە نامايىش قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېرلىن تۈرك جامائىتى، ياۋروپا تۈرك دېموكراتلار بىرلىكى، ياۋروپا ئاتاتۈركچى چۈشەنچە جەمئىيەتلىرى، بېرلىن ئىشتاتى جەمئىيىتى قاتارلىق 20 ئىجتىمائىي تەشكىلات نامايىش ئۇيۇشتۇردى. نامايىشقا، ھامبۇرگ، ھاننوۋېر، فرانكفۇرت، كۆلىن قاتارلىق گېرمانىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرى ۋە بىريۇسسېل ھەمدە تۈركىيەدىن كەلگەن تۈركىيە پۇقرالىرى قاتناشتى.

نامايىشچىلار، «بۇندېستاگنىڭ بۇنىڭغا ھوقۇقى يوق، پارلامېنتلار سوت مەھكىىسى ئەمەس، پارلامېنت ئەزالىرى سوتچى ئەمەس»، «ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوت مەھكىىسىنىڭ قارارىغا ھۆرمەت قىلىشقا دەۋەت قىلىمىز» دەپ شوئار توۋلىدى.

بېرلىن تۈرك جامائىتى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بەكىر يىلماز: «گېرمانىيەدە ياشايدىغان تۈركلەر ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان گېرمانىيە جەمئىيىتىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئېنىق بولمىغان ۋە نەتىجىسى چىقمايدىغان ماسلىشىش ھەققىدىكى تالاش – تارتىشلار سەۋەبلىك رەنجىتىلدى. مانا ئەمدى تارىچىلارنىڭ مۇھاكىمە قىلىشى كېرەك بولغان مەسىلىدە، سىياسەت سوتقا بېرىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. بۇ گېرمانىيەدىكى تۈركلەر ئارىسىدا ھېسسىيات جەھەتتە ئېغىر دەرىجىدە ئازاپلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە گېرمانىيە جەمئىيىتىگە بولغان ئىشەنچىنى ئازايتىدۇ» دېدى.

ئۇ: «گېرمانىيەنىڭ 1904 – 1908 – يىللىرى ئارىسىدا نامبىيەدە يۈرگۈزگەن قەتلىئاملىرىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ئېتىراپ قىلىشى ئۈچۈن،  سول پارتىيە   2011– يىلى فېدېرال پارلامېنتقا تەكلىپ سۇندى. مېركېل باشچىلىقىدىكى  ئەينى ۋاقىتتىكى ھۆكۈمەت ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئاتالغۇسى 1948 – يىلى ب د ت دا كۈنتەرتىپكە كەلگەن ۋە 1951 – يىلى قول قويۇلغان. قانۇنغا ئائىت تەبىر بولغانلىقى ئۈچۈن ۋاقتى ئۆتكەن ئىشلارغا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ، دەپ قارار چىقارغان. شۇڭا، 1904 – 1908 – يىللىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلمەيدىغان بىر سۆزنىڭ 1915 – يىللىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىشى ناھايىتىمۇ مەنىسىز» دېدى.

بېرلىن ئاتاتۈركچى چۈشەنچە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئولجاي باشئەگمەز، ئاتالمىش 1915 – يىل ۋەقەلىرى توغرىسىدىكى قارارنىڭ تۈرك جەمئىيىتىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر