باغداد يەنە ئادەم بومبا ھۇجۇمى بىلەن قانغا بويالدى
ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 20 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە نۇرغۇن ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
500346
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 20 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
باغدادنىڭ شائاب رايونىدىكى بىر كونترول ئېغىزىغا بومبا قاچىلانغان ماشىنا بىلەن ئادەم ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلدى.
8ى پۇقرا بىلەن 3 ئەسكەر ئۆلگەن ھۇجۇمدا 14 ئادەم يارىلاندى، يەنە بىر ھۇجۇم تارىمايىىيە رايونىدا يۈز بەردى.
باغدادقا 50 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان رايوندا بومبا قاچىلانغان بىر ماشىنا بىلەن ھۇجۇم ئېلىپ بېرىلىپ، 4ى پۇقرا بولۇپ 2 ساقچى ئۆلدى.
سەدىر رايونىدا يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 3 ئادەم ئۆلدى، 10 ئادەم يارىلاندى. بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھازىرغىچە ھېچكىم ئۈستىگە ئالمىدى.
بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاجىز بولغان پايتەخت باغداد پات-پات ئادەم بومبا ھۇجۇمىغا سەھنە بولماقتا.