ب د ت: سۈرىيە ھۆكۈمىتى ب د ت نىڭ ئىلتىماسىغا سەلبىي جاۋاب بەردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل باش كاتىپ ياردەمچىسى ستىۋىن ئوبراين سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ماي ئېيىدىكى 34 ئىلتىماسىدىن پەقەت 14 گىلا ئىجابىي جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

499347
ب د ت: سۈرىيە ھۆكۈمىتى ب د ت نىڭ ئىلتىماسىغا سەلبىي جاۋاب بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوبراين بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە چاقىرىلغان «سۈرىيەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى يەتكۈزۈپ بېرىشنىڭ چارە – تەدبىرلىرى» تېمىلىق يىغىنغا ۋىدېئو كونفېرانس ئارقىلىق ئىشتىراك قىلدى ھەمدە بۇ ھەقتە دوكلات سۇندى، دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 592 مىڭ 700 كىشىنىڭ قارشاۋ ئاستىدا، كۆپىنچىسىنىڭ سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قامىلى ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا مۇنداق دېدى: «سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئېھتىياجلىق كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ. جۈملىدىن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ % 40 تىدىن كۆپرەكىنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىشكە توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ. بەششار ئەسەد كۈچلىرى سۈرىيە ھۆكۈمىتى رۇخسەت قىلغان كۆپلىگەن ئاپتوموبىل ئەترەتلىرىدىن تىببىي ماتېرىياللار بىلەن بالىلار ئوزۇق – تۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلماقتا. بۇ ئەھۋالنى ‹سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالارنى جازالاندۇرۇشى› دەپ چۈشەندۈرۈشتىن باشقا ئامال يوق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر