ئىران مەجلىسى تېھراننىڭ باش ئەگمەسلىكىنى تەلەپ قىلدى

ئىران مۇتەخەسسىسلەر مەجلىسى تېھراندىن ۋاشىنگىتونغا باش ئەگمەسلىكىنى تەلەپ قىلدى.

498009
ئىران مەجلىسى تېھراننىڭ باش ئەگمەسلىكىنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 26 – فېۋرال كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدىن كېيىن ئاشقۇن مۇھاپىزىكار كىملىكى بىلەن تونۇلغان ئايەتۇللاھ ئەھمەد جەننەتىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تۇنجى نۆۋەتلىك يىغىن چاقىرغان مۇتەخەسسىسلەر مەجلىسى پىرېزىدېنت ھەسەن رۇھانىنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا باش ئېگىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا چاقىردى.

ئىران تەسنىم خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يادرو كېلىشىمىگە رىئايە قىلمايۋاتقانلىقى، شۇڭا رۇھانى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاشىنگىتونغا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇشى تەلەپ قىلىنغان. تېھران ھۆكۈمىتى رۇھانى «ئاممىۋى مۇرەسسەلىشىش» دەپ ئاتىغان، مۇھاپىزىكارلار بولسا، «ئىراننىڭ قىزىل سىزىقلىرىدىن ۋاز كېچىپ، ئامېرىكىغا باش ئېگىشى» دەپ ئاتاۋاتقان BERCAM 2 ۋە BERCAM 3 (كەڭ كۆلەملىك ئورتاق ھەرىكەت پىلانى) دىن ۋاز كېچىشكە چاقىرىق قىلىنغان.

ئىراندىكى ئەڭ مۇھىم دۆلەت ئورگانلىرىدىن بىرى بولغان دىنىي رەھبەرنى كۆزىتىش ۋە يېڭى لىدېرنى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە مۇتەخەسسىسلەر مەجلىسى سەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ئاشقۇن مۇھاپىزىكارلار قانىتىدىكى داڭلىق شەخسلەردىن ئايەتۇللاھ ئەھمەد جەننەتى غەلىبە قىلغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، دىنىي رەھبەر ئايەتۇللاھ ئەلى ھامانېيغا يېقىن بولغان جەننەتى پىرېزىدېنت ھەسەن رۇھانىنىڭ غەربكە يېقىنلىشىش سىياسەتلىرىگە ئىزچىل قارشى چىقماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر