F-35 نىڭ سىنىقى كېچىكتۈرۈلدى
تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توققۇز دۆلەتنىڭ شېرىكچىلىكىدە ياسالغان F-35 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى 2018 – يىلىغىچە سىناق قىلىنمايدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تېخنىكا ۋە ئارقا سەپكە مەسئۇل مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فرەڭك كېندال F-35تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنى تاپشۇرۇش ئىشلىرىنىڭ كېچىكىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇ ئارىزونا ئىشتاتىدىكى ھەربىي بازىدا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مۇخبىرلىرىغا بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى. ئۇ: « F-35ئايروپىلانىنى سىناق قىلىشنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈردۇق ۋە قولىمىزدىكى ۋاقىت جەدۋىلىنىڭ ياردىمىدە، 2018 – يىلىغىچە سىناق قىلماسلىق توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدۇق. ئەسلى پىلانىمىز 2017 – يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئىدى، بىراق بۇنىڭغا يېتىشەلمەيدىغانلىقىمىز ئېنىق» دېدى.
F-35 ئايروپىلانلىرىنىڭ پىروگرامما ئىشلىرىغا مەسئۇل گېنېرال كرىستوفېر بوگدان 2018 – يىلىنىڭ يانۋار ياكى فېۋرال ئايلىرىدا چوڭ سىناقلارنى قىلىشنى پىلان قىلغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى. ئۇ 23 ئايروپىلاندىكى پىروگرامما ۋە ئۈسكۈنىلەرنى ياخشىلاش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن كېچىكىشنىڭ كېلىپ چىققانلىقىنى ئەسكەرتتى.
F-35 ئايروپىلانلىرىنى سىناق قىلىشنىڭ كېچىكىشى بىلەن، تاپشۇرۇش ئىشلىرىنىڭمۇ كېچىكىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.F-16 ۋە F-18 قاتارلىق 4 – ئەۋلاد ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىدىن تۆت ھەسسە كۈچلۈك بولغان F-35 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى، ھاۋادىن ھاۋاغا ۋە ھاۋادىن قۇرۇقلۇققا ھۇجۇم قىلىش شۇنداقلا راداردا كۆرۈنمەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە. F-35 1990 – يىلى لايىھەلەنگەن بولۇپ، ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە باشچىلقىدىكى گۇرۇپپا ياساپ چىققان. تۈركىيە 2002 – يىلى ئەزا بولغان لايىھە ئىچىدە، ئاۋستىرالىيە، كانادا، دانىيە، ئىتالىيە، گوللاندىيە، نورۋېگىيە، ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بار. لايىھە دائىرەسىدە، ئىسىرائىلىيە، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە ئامېرىكانىڭ قورال – ياراغ خېرىدارى بولۇش سۈپىتىدە F-35 ئايروپىلانلىرىنى سېتىۋالىدۇ. ئايروپىلانلارنى تاپشۇرۇش ئىشلىرى لايىھەگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تەلىپى بويىچە بولىدۇ.
تۈركىيە زاكاس قىلغان 100 دانە F-35 ئايروپىلانىدىن دەسلەپكى ئىككىسىنى 2017 – يىلىدا تاپشۇرۇپ ئېلىش پىلان قىلىنىۋاتاتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ياۋروپا ئىتتىپاقى سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا ياردەم بېرىشنى ۋەدە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا 2 مىليارد ياۋرو ياردەم بېرىشنى ۋەدە قىلدى.