كېنىيەدىكى نامايىشتا 3 كىشى ئۆلۈپ، نۇرغۇن كىشى يارىدار بولدى

ئۆكتىچى ئىسلاھات ۋە دېموكراتىيە ئىتتىپاقى پارتىيەسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۇنىۋېرسىتېت كوچىسىدا ئېلىپ بارغان نامايىشقا ساقچىلار ئىنتايىن قاتتىق قوللۇق بىلەن مۇداخىلە قىلدى.

496650
كېنىيەدىكى نامايىشتا 3 كىشى ئۆلۈپ، نۇرغۇن كىشى يارىدار بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كېنىيەنىڭ پايتەختى نايرۇبىدا سايلام ئىسلاھاتىنى تەلەپ قىلىپ كوچىلارنى تولدۇرغان نامايىشچىلاردىن 3 كىشى يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئونلىغان كىشى  يارىدار بولدى ۋە نۇرغۇن كىشى قولغا ئېلىندى.

ئۆكتىچى ئىسلاھات ۋە دېموكراتىيە ئىتتىپاقى پارتىيەسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۇنىۋېرسىتېت كوچىسىدا ئېلىپ بارغان نامايىشقا ساقچىلار ئىنتايىن قاتتىق قوللۇق بىلەن مۇداخىلە قىلدى.

مۇستەقىل سايلام ۋە چېگرا ئىشلىرى كومىتېتىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزگەن ئۆكتىچى ئىسلاھات ۋە دېموكراتىيە ئىتتىپاقى پارتىيەسىنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا ساقچىلار ياش ئاققۇزۇش گازى ۋە راس ئوق ئىشلەتتى.

كومىتېت بىناسىنىڭ ئالدىغا توپلاشقان نامايىشچىلار، مۇستەقىل سايلام كومىتېتىنىڭ بىتەرەپلىكىنى يوقۇتۇپ قويۇپ، ھاكىمىيەتتىكى پارتىيەنىڭ كونتروللۇقى ئاستىغا كىرىپ قالغانلىقىنى ۋە كېلەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلاملارغا ھىلە ئىشلەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى ھەمدە مۇستەقىل سايلام ۋە چېگرا ئىشلىرى كومىتېتىنى ئىستېپا بېرىشكە چاقىرىق قىلدى.  

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر