دائېش ئادەم بومبا ھۇجۇمى قوزغاپ 148 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

دائېش ئەسەد قىسىملىرىنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى جەبلە بىلەن تارتۇس شەھەرلىرىدە 7 يەردە ئادەم بومبا ھۇجۇمى قوزغاپ، 148ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

496452
دائېش ئادەم بومبا ھۇجۇمى قوزغاپ 148 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەسەد قىسىملىرىنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى جەبلە بىلەن تارتۇس شەھەرلىرىدە 7 يەردە ئادەم بومبا ھۇجۇمى قوزغاپ، 148ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

جەبلەدىكى ھۇجۇملاردا 100، تارتۇستىكى ھۇجۇملاردا بولسا 48 ئادەم ئۆلدى، 200 ئادەم يارىلاندى.

ئۆكتىچىلەر دائېشنىڭ نۇسايرىلەرنى نىشان قىلغان ھۇجۇملىرىدا بومبا قاچىلانغان 2 ماشىنا بىلەن 5 ئادەم بومبا ئىشلەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ، فىرانسىيە ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دائېشنىڭ بۇ ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررېي ، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى. كېررېي لاۋرودىن ئەسەدنى ئىستېپا بېرىشكە قايىل  قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، بۇ ئىشنىڭ دائىشقا قارشى كۈرەشلەرگە پايدىسى تېگىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ۋاشىنگىتون ھاكىمىيىتى تېلېفون سۆھبىتىدە موسكوۋانىڭ «دائېشقا قارشى بىرلىكتە ھاۋادىن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش»تەكلىپى ئۈستىدە كېڭەش قىلىنغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرمىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارك تونېر يازما بايانات ئېلان قىلىپ، سۈرىيەنىڭ غەربىگە جايلاشقان، ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى ساھىل شەھەرلىدىن تارتۇس ۋە جەبلەدە مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇملارنى ئەيىبلىگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ئەسەد ھاكىمىيىتى زوراۋانلىق قىلمىشلىرىغا خاتىمە بېرىشكە چاقىرىلغان باياناتتا، تونېر مۇنۇلارنى بايان قىلدى: «بۇ ھۇجۇملار توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك كېلىشىمنىڭ روھىغا خىلاپ ھېسابلىنىدۇ. مىنسىتىر كېررېي بۈگۈن ئەتىگەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ بېرىپ، مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى. لاۋروۋدىن ھاكىمىيەت قىسىملىرىغا دەمەشىق ۋە ھەلەب رايونىدىمۇ خەلقنى نىشان قىلغان ھۇجۇملارنى توختىتىشقا بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى.»

باياناتچى تونېر رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا سۈرىيەدە بىرلىكتە ھاۋادىن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا كېلىشىم يوقلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:«بىز بىرلىكتە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى ئويلاشمىدۇق.»

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دائېشقا قارشى بىرلىكتە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش مەسىلىسىنىڭ كېررىي-لاۋروۋ سۆھبىتىدە كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر