«ي پ گ نىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك بىلەن ئالاقىسى بار»
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ دەمەشق باش ئەلچىسى روبېرت فورد ئامېرىكا قوللاۋاتقان ي پ گ نىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «سۈرىيەدىكى ئۇرۇش: كىرىزىسنى يېنىكلىتىشتە كېيىنكى قەدەم» تېمىلىق يىغىندا سۆز قىلغان فورد تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ۋە ئۇنىڭ سۈرىيەدىكى قۇيرۇقچىسى پ ي د نىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدا دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ئاياغ ئاستى قىلىپ، ئېتنىك بىر دۆلەت قۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
پ ي د نىڭ ب پىلانىنىڭ تۈركىيەگە قارىتا تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭمۇ بۇنىڭغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇش ھوقۇقى بارلىقىنى تەكىتلىگەن فورد ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ياردەم بېرىۋاتقان ي پ گ نىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك بىلەن ئالاقىسى بارلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدى ھەمدە رايوندا دائېشقا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان باشقا گۇرۇپپىلارنىڭمۇ بارلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «رايوندا ھەم دائېشقا ھەم بەششار ئەسەدكە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان باشقا گۇرۇپپىلارمۇ بار. ھالبۇكى، ئۇلار پ ي د گە ئوخشاش ھېچقاچان سىرتنىڭ ياردىمىنى ئالمىدى. شۇڭا ئامېرىكىنىڭ دائېشقا قارشى كۈرىشىدە ي پ گ نىڭ ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان بىر ئۇنسۇر ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيمەن.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
كولۇمبىيەدە تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ 9 ئەسكەر قازا قىلدى
كولۇمبىيەدە تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بىر گېنېرالنى قوشقاندا، جەمئىي تۇققۇز ئەسكەر قازا قىلدى.