ھەلەبتە ئۇرۇش توختىتىش مۇددىتى ئۇزارتىلدى

رۇسىيە، ھەلەبتىكى 48 سائەتلىك ئۇرۇش توختىتىش مۇددىتىنىڭ دۈشەنبە (ئەتە) كۈنىگىچە ئۇزارتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

486578
ھەلەبتە ئۇرۇش توختىتىش مۇددىتى ئۇزارتىلدى
7432.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇرۇش توختىتىش قارارىنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن تەڭ خەلق ئۆيلىرىگە قايتىشقا باشلىدى.

ھاما شەھىرىدىكى سىياسىي مەھبۇسلارمۇ يېتىۋاتقان بىر تۈمىدە ئىسيان كۆتۈرۈلدى، ھاكىمىيەت كۈچلىرى كۈچ ئىشلىتىش ئارقىلىق ئىسياننى باستۇرۇشقا تىرىشماقتا. ھامادىكى تۈرمىدە 800 ئەتراپىدا مەھبۇس بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارالماقتا. ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنى دەمەشىق ئەتراپىدىكى بىر تۈرمىگە يۆتكىلىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئىسيان كۆتۈرگەن نامايىشچىلار، 10 نەپەر گۇندىپاينى گۆرۈگە ئېلىۋالدى. ھاكىمىيەت كۈچلىرى ئىسيانچىلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى؛ تۈرمە بىناسىغا پىلاستىك ئوق ۋە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ياغدۇرغان بولسىمۇ، ھەرىكەت مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى. سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەر، مەھبۇسلارنىڭ ئۆلتۈرۈلمەسلىكى ئۈچۈن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تۈرمىگە مۇداخىلە قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

بۇ جەرياندا ئىران سۈرىيەدە ھازىرغىچە بولغان ئەڭ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىدى؛ ھەلەبكە 15 كىلومېتىر يەرگە جايلاشقان خان تومان بازىرىنى قولغا كىرگۈزگەن ئەننۇسرە تېررورچىلىرى ئونلارچە كىشىنى ئۆلتۈردى. ئىرانلىق ئالاقىدار خادىملار، ئۆلگەنلەرنىڭ 13 ىنىڭ ئىرانلىق ھەربىي مەسلىھەتچى ئىكەنلىكىنى، 21 ىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ھەلەب يېقىن جايدا ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ ئايروپىلانلىرى دائېشنىڭ نىشانلىرىنى بومباردىمان قىلدى؛ ئۆكتىچىلەر، ھۇجۇمدا ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 6 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى جاكارلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر