«سۈرىيەدە ئەسەدلا بولىدىكەن، تىنچلىق مۇساپىسىگە ئۆتۈش مۇمكىن ئەمەس»

سۈرىيەلىك ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار تەشكىل قىلغان يۇقىرى دەرىجىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈش كومىتېتىنىڭ باشلىقى رىياد ھىجاب، ئەسەد بىلەن سىياسىي مۇساپىگە تىنچ ئۆتۈشنىڭ ئىمكانىيىتى يوقلۇقىنى ئېيتتى.

484530
«سۈرىيەدە ئەسەدلا بولىدىكەن، تىنچلىق مۇساپىسىگە ئۆتۈش مۇمكىن ئەمەس»
Frank-Walter Steinmeier-Riyad Hicab.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچرىشىشلارغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان گېرمانىيەدە سۆز قىلغان رىياد ھىجاب، ئەسەد سۈرىيەدىلا بولىدىكەن تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇقنىڭ تۈگىمەيدىغانلىقىنى، قوشنا ئەللەر باشتىن كەچۈرۈۋاتقان مەسىلىلەر ۋە دۇچار بولۇۋاتقان قىيىنچىلىقلارنىڭمۇ بىر تەرەپ قىلىنالمايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

رىياد ھىجاب بېرلىندا گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فرانك ۋالتېر شتايىنمايېر، فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جېئن مارك ئايراۇلت، ب د ت سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ستېفان دې مىستۇرا بىلەن بىرلىكتە ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇچرىشىشتا، جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن سۈرىيە تىنچلىق سۆھبەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ شەرتلىرى، سۈرىيەدىكى زوراۋانلىقنىڭ ئازايتىلىشى ۋە ئىنسانىي ۋەزىيەتنى ياخشىلاشنىڭ ئۇسۇللىرى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

يىغىندا گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فرانك ۋالتېر شتايىنمايېر ھەلەبكە قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارنى ئەيىبلەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، «يا ۋىيېننادا باشلىنىپ مىيۇنخىندا داۋاملاشتۇرۇلغان تىنچلىق سۆھبەتلىرىنى قايتىدىن ئىزىغا چۈشۈرىمىز ياكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ ئۇلغىيىپ ئىچكى ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشىش خەۋپىگە دۇچ كېلىمىز» دېدى.

سۆھبەتلەرنىڭ ياخشى ۋە ئۈنۈملۈك ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن گېرمان مىنىستىر، بەش يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇشقا چارە تېپىشنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى، سىياسىي سۆھبەتلەرنى قايتىدىن باشلاش مەسىلىسىگە مەركەزلەشكەنلىكلىرىنى ۋە بۇنىڭ ئالدىدا ھەلەبتە باش كۆتۈرگەن زوراۋانلىقنىڭ تۇرۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئايراۇلتمۇ ھەلەبتە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرگە ‹قورقۇنچلۇق بىر تىراگېدىيە› دەپ باھا بەرگەن ھالدا، ۋاشىنگتون بىلەن موسكۋانى سۈرىيەدە يۈز بېرىۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن بىرلىك ھاسىل قىلىشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر