قاتار تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
قاتار بۇرسادا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
479969
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قاتارنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى QNA تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزۈش، پۇقرالارنى قورقۇتۇش ۋە مەسۇم ئىنسانلارنى ئۆلتۈرۈش نىشان قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ ھېچقانداق ئەخلاقي، ئىنسانىي ۋە ۋىجدانىي پىرىپسىپقا ماس كەلمەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
قاتارنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ھەمىشە قېرىنداش دۆلەت تۈركىيە ۋە تۈركىيە خەلقىنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن ئاللاھ تائالادىن شىپالىق تىلەندى.