فىرانسىيەدە ئىتلارنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى ئېلىش قارار قىلىندى

فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان بېزىيې شەھىرى كوچىلارنى پاكىز تۇتۇش ئۈچۈن غەلىتە بىر خىل سىياسەتنى ئىجرا قىلىشقا تەييارلانماقتا.

477190
فىرانسىيەدە ئىتلارنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى ئېلىش قارار قىلىندى
fransa köpek fişleme.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كوچىلاردىكى ئىت گەندىلىرىدىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسىنى ئىزدەۋاتقان شەھەرلىك ھۆكۈمەت، شەھەردىكى بارلىق ئىتلارنىڭ DNA ئەۋرىشكىلىرىنى ئېلىشنى قارار قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، 1300 ئەتراپىدا ئىت بار، دەپ قارىلىۋاتقان مەزكۇر شەھەردە بۇنىڭدىن كېيىن DNA ئەۋرىشكىلىرى بىلەن كوچىلاردىكى ئىت گەندىلىرى سېلىشتۇرۇلۇپ، كوچىنى بۇلغىغان ئىت تېپىپ چىقىلىدىكەن ۋە ئىتنىڭ ئىگىسىدىن جەرىمانە ئېلىنىدىكەن.

1 – ئۆكتەبىردە فىرانسىيەدە ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىدىغان مەزكۇر ئۇسۇل، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىتالىيە بىلەن ئىسپانىيەدىمۇ يولغا قويۇلۇشقا باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر