كېررى زەرىف بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررى ئىرانلىق مەنسەپدېشى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف بىلەن نىيۇ يوركتا كۆرۈشتى.

476767
كېررى زەرىف بىلەن كۆرۈشتى
kerry- zarif görüşmesi.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىر ھەپتە ئىچىدە ئىككى قېتىم كۆرۈشكەن كېررى بىلەن زەرىف، يادرو كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىش مەسىلىلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كېررى، ئىراننىڭ يادرو پىلانى يۈزىسىدىن يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولارنى بىكار قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى ۋە ئەگەر يادرو مەسىلىسىدىن باشقا بىر ساھەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى بولمىسا، ئىراننىڭ بانكا ۋە شىركەتلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىلىشىغا قارشى ئەمەسلىكلىرىنى قەيت قىلدى. ئۇ يەنە، «نۆۋەتتە چەت ئەل بانكىلىرىنىڭ ئىران بىلەن سودا قىلىشى ئۈچۈن يېڭى پۇرسەتلەر بار» دېدى.

بىر قىسىم چەت ئەل بانكىلىرىنىڭ ھازىرمۇ ئىرانغا قارىتا ئىككىلىنىش ئىچىدە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان كېررى، بۇ ئورگانلار بىلەن خاتىرجەم ئالاقە ئورنىتىش ئۈچۈن ئامېرىكا خەزىنە مىنىستىرلىقىدىن مەسلىھەت ئېلىشنى تەۋسىيە قىلدى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىفمۇ، دۆلىتىنىڭ يادرو كېلىشىمىنىڭ ئىرانغا مۇناسىۋەتلىك قىسمىنى ئورۇندىغانلىقىنى، ۋاشىنگتون تەرەپنىڭ تاشلايدىغان سەمىمىي قەدەملىرىدىن كېيىن بۇ كېلىشىم مەزمۇن قىلغان ھەقلىرىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئىران بىلەن غەرب ئەللىرى ئارىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمگە ئاساسەن، تېھران يادرو پائالىيەتلىرىگە چەكلىمە قويۇشنى، غەرب ئەللىرى بولسا، تېھرانغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىقتىسادىي ئېمبارگولىرىنى قەدەممۇ قەدەم بىكار قىلىشنى ئۆزئارا ۋەدە قىلىشقان بولسىمۇ، تېھران كېلىشىمنىڭ ھاسىل قىلىنغان بولۇشىغا قارىماي، خەلقئارا مالىيە سىستېمىسىغا يېتەرلىك دەرىجىدە ئېرىشەلمەيۋاتقانلىقىدىن ئاغرىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر