خىتاي ئامېرىكىغا يېتىپ بارالايدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

خىتاي ئامېرىكانىڭ ھەممە نۇقتىلىرىغا زەربە بېرەلەيدىغان قىتئەلەر ئارا بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

476281
خىتاي ئامېرىكىغا يېتىپ بارالايدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي شەيشەنبە كۈنى (19 – ئاپرېل) سىناق قىلغان «DF-41» تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ يېتىپ بېرىش مۇساپىسى 12 مىڭ كىلومېتىر بولۇپ، ئوق بېشى پارچىلىنىشتىن باشقا، كۆپ خىل ئىقتىدارغا ئىگە.

رۇسىيەنىڭ « Kommersant» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى، خىتاينىڭ يادرو كۈچىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدىكى مۇھىم ئىلگىرىلەش ھېسابلىنىدىكەن.

«ئاتوم پەن – تېخنىكا گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، خىتاينىڭ ھازىر يادرو قوراللىرىنى ئاكتىپ ھالدا تەرەققىي قىدۇرغان بىردىنبىر دۆلەت ئىكەنلىكى ئانالىز قىلىندى.

خىتاينىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنى ئامېرىكانىڭ «ۋاشىنگتون فىرى بېكون» ژۇرنىلى بىرىنچى بولۇپ خەۋەر قىلدى. ژۇرنالدىكى خەۋەردە، 12 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىپ بارالايدىغان بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ، ئامېرىكا ياكى رۇسىيەنىڭ ھەممە نۇقتىلىرىغا زەربە بېرەلەيدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئەمما خەۋەردە، خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى زادى قەيەردە قىلغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلمىدى.

ژۇرنالنىڭ خەۋىرىدە يەنە، ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرى «DF-41» تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ 6 دىن 10 غىچە يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشنىڭ، خىتاينىڭ يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ ھەقىقىي ئىقتىدارىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن يالغانلار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ژۇرنالنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ھازىر يادرو قىسىملىرىنى كەڭ كۆلەمدە زامانىۋىلاشتۇرۇش دەۋرىنى باشتىن كەچۈرمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر