سۈرىيەدە قانلىق كۈن
بەششار ئەسەد قىسىملىرى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنغان 27 – فېۋرالدىن بۇيانقى ئەڭ قانلىق كۈندىن بىرنى پەيدا قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەششار ئەسەد قىسىملىرى رۇسىيەنىڭ ھاۋا ياردىمى ئاستىدا لازقىيە، ئىدلىب ۋە دەمەشىق ئەتراپلىرىغا ھۇجۇم قىلدى. بۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا 61 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى. تۈركمەن تېغىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن يېزا – بازارلار قاتتىق بومباردىمان ئاستىدا قالدى. رايوندا ئىككىسى تۈركىيە چېگراسىغا جايلاشقان جەمئىي بەش ئورمانغا ئوت كەتتى.
بەششار ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ئايروپىلانلىرى ئىدلىب ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئىككى ناھىيەنى ۋە دەمەشىق ئەتراپىدىكى جايلارنى قاتتىق بومباردىمان قىلدى. قوزغىلاڭچىلار بومباردىمانلاردا ھاياتىدىن ئايرىلغان 47 ئادەمنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئاياللار ۋە بالىلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ جەرياندا، قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئالىي مۇزاكىرە كومىتېتى ھۇجۇملارنىڭ داۋاملىشىشى ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ھەيئىتىنىڭ بەششار ئەسەدنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلماسلىقى سەۋەبىدىن جەنۋەدىكى تىنچلىق سۆھبىتىنى توڭلىتىپ قويدى. كومىتېت ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى جەنۋەدىن ئايرىلدى، پەقەت ب د ت نىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ستىفان دېمىستۇرا بىلەن ئايرىم كۆرۈشىدىغان كىچىك گۇرۇپپىلار قالدى. سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ توختاپ قىلىش نۇقتىسىغا كەلگەنلىكى، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ھەلەب، ھۇمۇس، راستان ۋە باشقا رايونلاردا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىشى، تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ سانى ئازىيىشنىڭ ئورنىغا بارغانچە كۆپىيىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى سۆھبەتنى كېچىكتۈرۈش قارارىغا سەۋەب قىلىپ كۆرسەتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غور ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان دەريا قىرغىقىغا چۈشۈپ كەتتى.