ئافغانىستاندا ئاپتوموبىل بومبا پارتلىدى

ئافغانىستاننىڭ كابۇل شەھىرىدە، ئىستىخبارات ئىدارىسى نىشان قىلىنغان ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

474074
ئافغانىستاندا ئاپتوموبىل بومبا پارتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدا ئىستىخبارات ئىدارىسى نىشان قىلىنغان ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى. بۇ قېتىمقى بومبا ھۇجۇمىدا، نۇرغۇنلىغان ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە يارىلانغانلىقى، رايوندىن قورال ئاۋازلىرىنىڭ ئاڭلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، كۆپ مىقداردا بومبا قويۇلغان بىر ئاپتوموبىلنىڭ ئىستىخبارات ئىدارىسى بىناسىنڭ يېنىدا پارتلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئەتراپتىكى يوللاردا قاتناش توختىتىلدى.

ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى. تالىبان ھۇجۇمغا جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر