خارابىلىكلەر ئارىسىدىكى بالىلار

سۈرىيەدە خارابىلىكلەر ئارىسىدا ئويناۋاتقان بالىلار.

470078
خارابىلىكلەر ئارىسىدىكى بالىلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇرۇش توختىتىش تۈرلۈك خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى بىلەن بىرلىكتە داۋاملاشماقتا. بومباردىمانلارنىڭ ۋاقىتلىق توختىتىلىشى ئەڭ كۆپ بالىلارغا يارىدى. پايتەخت دەمەشقتىكى جۇبار رايونىدا بالىلار خارابىلىكلەر ئارىسىدا بالۇنلارنى ئۇچۇرتۇپ ئوينىماقتا. بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىۋاتقان رۇسىيەنىڭ ھەلەبكە كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش قوزغاشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى توغرۇلۇق خەۋەرلەر تارقالغاندىن كېيىن، خەلقئارا جەمئىيەت بومباردىمانلارنىڭ قايتىدىن پۇقرالارنى نىشان قىلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر