رۇسىيەدە ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

رۇسىيەنىڭ ستاۋروپول شەھىرىدىكى ساقچى ئىدارىسى ئەتراپىدا ئۈچ ئادەم بومبا ھۇجۇمىنىڭ يۈز بەرگەنلىكى، تۆتىنچى ئادەم بومبىنى ساقچىلارنىڭ بىر تەرەپ قىلغانلىقى ئېلان قىلىندى.

468967
رۇسىيەدە ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ستاۋروپول شەھىرىدىكى ساقچى ئىدارىسى ئەتراپىدا ئۈچ ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى. دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ ھۇجۇمدا ئادەم بومبىلاردىن باشقا ھاياتىدىن ئايرىلغان ياكى يارىلانغانلار بولمىغان.

بەزى خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئادەم بومبىلارنىڭ سانى جەمئىي تۆت بولۇپ، بىرى ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. بەزى خەۋپسىزلىك تارماقلىرى ۋەقە جەريانىدا بەش قېتىم پارتلاش ئاۋازىنىڭ ئاڭلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر