بەھرەيىندە كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانۋېر باشلىدى

بەھرەيىندە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى باشچىلىقىدا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانۋېر باشلىدى.

468867
بەھرەيىندە كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانۋېر باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەھرەيىن دېڭىزىدا ئامېرىكا ئارمىيەسى باشچىلىقىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ كەڭ كۆلەملىك دېڭىز ھەربىي مانۋېرى باشلىدى.

ھەربىي مانۋېرغا 6 قىتئەدىن 30 دۆلەتنىڭ ھەربىي قىسىملىرى قاتناشتى.

پارس قولتۇقى رايونىدىمۇ ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەربىي مانۋېردا دائېش بىلەن ئەل قائىدىگە ئوخشاش تېررولۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىغا قارشى، خەلقئارا سودا يوللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا ھەربىي ھەمكارلىق شارائىتلىرىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلىدۇ.

ھەربىي مانۋېردا ھەربىي قىسىم ۋە پاراخوتلارنىڭ بولۇپمۇ سودا پاراخوتلىرىنى نىشانغا ئېلىپ كېلىۋاتقان تېررورلۇق قىلمىشلىرىغا ئۈنۈملۈك زەربە بېرىشنىڭ چارىلىرى ئۈستىدىمۇ كېڭەش قىلىنىدۇ.

ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ۋە مىنا تازىلاش پائالىيەتلىرىمۇ ئۆتكۈزۈلىدۇ. سۇۋەيىش قانىلى، بابۇل مەندەپ ۋە ھۈرمۈز بوغۇزلىرىنىڭ ھەربىي مانۋېر رايونى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان ھەربىي مۇتەخەسسىلەر، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تەلىم-تەربىيەسى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى رايوننىڭ تاللانغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر