ئامېرىكىلىق دىپلومات: PYD/YPG نى قورال بىلەن تەمىنلىمىدۇق

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جون باس، دۆلىتىنىڭ PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيە قانىتى PYD/YPG نى قورال ۋە ئوق – دورا بىلەن تەمىنلىمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

466677
ئامېرىكىلىق دىپلومات: PYD/YPG نى قورال بىلەن تەمىنلىمىدۇق
abd'nin ankara büyükelçisi john bass.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىيە مۇخبىرلىرى جەمئىيىتى ئەزالىرىنىڭ يىغىنىدا مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن باس، تۈركىيەنىڭ PYD/YPG توغرىسىدىكى ئەندىشىلىرىگە ناھايىتى سەزگۈر قارايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن بولسىمۇ، ‹تېررورلۇق تەشكىلاتى› دېگەن ئىبارىنى ئىشلەتمىدى.

«PKK غا قاراتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى توختىتىش ۋە قورال تاشلاش توغرىسىدىكى چاقىرىقىمىزنى تەكرارلايمىز» دېگەن جون باس، «تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىپ دۆلىتىنى ۋە پۇقرالىرىنى قوغداش تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەققى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا ئەلچىسى باس، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنى مەۋجۇت لىنىيەسىدىن چىقىرىپ تېخىمۇ شەرققە ھەيدەش ئۈچۈن مۆتىدىل ئۆكتىچىلەرنى قانداق قوللاش مەسىلىسىدە تۈركىيە ئارمىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى بىلەن كۆرۈشكەنلىكلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر