ئەرمېنىيە - ئەزەربەيجان توقۇنۇشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى

ئەرمېنىيە - ئەزەربەيجان ئالدىنقى سېپىدىكى سۈركىلىش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭمۇ نارازىلىقىنى پەيدا قىلدى.

463583
ئەرمېنىيە - ئەزەربەيجان توقۇنۇشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى
frank-walter steinmeier.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجاننىڭ 12 ئەسكىرى شېھىت بولۇپ كەتكەن توقۇنۇشلاردىن كېيىن ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەرەپلەرنى «توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىش» كە چاقىردى.

ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى ۋە گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فرانك ۋولتېر ستېئىنمېئېر، ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە ئالدىنقى سېپىدىكى ئۇلغىيىپ كەتكەن سۈركىلىش توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «تەرەپلەرنى دۈشمەنلىكلەرنى دەرھال توختىتىشقا ۋە ئۇرۇش توختىتىشقا تولۇق رىئايە قىلىشقا چاقىرىمەن» دېدى. ئۇ يەنە، «تەرەپلەر مىنسك گۇرۇپپىسى دائىرىسىدىكى مۇزاكىرىلەرنى قايتىدىن باشلاش ئۈچۈن كېرەكلىك سىياسىي ئىرادىنى دەرھال نامايەن قىلىشى كېرەك» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ياۋروپا كېڭىشىمۇ بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، توقۇنۇشلارنى قايغۇرۇش ئىچىدە كۈزىتىۋاتقانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى؛ ياۋروپا كېڭىشى باش كاتىپى توربجورن جاگلاند يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ تېخىمۇ كۆپ پۇقرانىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن ۋە كۈچ ئىشلىتىشنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشتىن باشقا ئىشقا يارىمايدىغان بۇنىڭغا ئوخشاش پۈتۈنلەي ئورۇنسىز قان تۆكۈشكە خاتىمە بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيەنىڭمۇ ياۋروپا كېڭىشىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتكەن جاگلاند، تەرەپلەرنىڭ ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىنىڭ كاپالىتى ئاستىدىكى ياشاش ھوقۇقىنى مۇھاپىزەت قىلىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى ۋە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشمىگە ھۆرمەت قىلىپ، مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشنى قايتىدىن باشلىشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فرانسۇا ئولاندمۇ ئەزەربەيجاننىڭ 12 ئەسكىرى شېھىت بولۇپ كەتكەن تاغلىق قاراباغدىكى توقۇنۇشلاردىن «چوڭقۇر قايغۇرۇۋاتقانلىقى» نى ئۇقتۇردى. ئۇ، تەرەپلەرنى مۆتىدىل ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىردى.

بالتىق دۆلىتى لىتۋانىيە، لاتۋىيە ۋە ئېستونىيەمۇ ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە ئالدىنقى سېپىدىكى سۈركىلىش توغرىسىدا بايانات بېرىپ، تەرەپلەرنى ھەربىي ھەرىكەتلەرگە خاتىمە بېرىش ۋە ئۆزئارا قىلىشقان ئەھدىلىرىدە تۇرۇشقا چاقىردى.

بۇ جەرياندا، مىنسك گۇرۇپپىسىنىڭ نۆۋەتچى باشلىقلىرى، رايوندىكى ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش مەقسىتىدە 5 – ئاپرېل سەيشەنبە كۈنى ۋىيېننادا يىغىن چاقىرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر