يەمەن ھۆكۈمىتى: ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلىمىز
يەمەن ھۆكۈمىتى 10 – ئاپرېلدا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىدىغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەن رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – سابانىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سانئادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ماتتېۋ خ.تۇئېللېرنى قوبۇل قىلغان يەمەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇلمەلىك ئەلمىھلەفى، «ھۆكۈمەت تىنچلىق ئورنىتىلىشىنى خالايدۇ ۋە 10- ئاپرېل يېرىم كېچىدىن تارتىپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلىدۇ. ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچى تەرەپمۇ بۇنىڭغا رىئايە قىلىشى كېرەك» دېدى.
مىھلەفى، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2015- يىلى 14- ئاپرېلدىكى يىغىنىدا چىقىرىلغان يەمەنگە مۇناسىۋەتلىك قارارىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ۋە تىنچلىقنىڭ ئورنىتىلىشى ئۈچۈن، ب د ت يەمەن ئالاھىدە ۋەكىلى ئىسمائىل ۋەلەد شەيخ ئەھمەد ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان ھالدا، 18- ئاپرېلدا كۇۋەيتتە باشلىنىدىغان يەمەن مۇزاكىرىلىرىگە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى ۋە بۇ مۇزاكىرىلەرنىڭ ئۇتۇقلۇق ھالدا ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.
ئامېرىكىنىڭ سانئادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تۇئېللېرمۇ، ب د ت قارارىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ۋە تىنچلىق ئورنىتىلىشى مەسىلىسىدە يەمەن ھۆكۈمىتى بىلەن ئوخشاش پىكىردە ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.