«تېررورلۇق ھۇجۇمچىلىرى ئىنسان سىياقىدىكى قاراڭغۇ ئەرۋاھلاردۇر»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان كىم ئېلىپ بارغان بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، تېررورنىڭ مەنبەسى بىر بولۇپ، تېررورلۇق ھۇجۇمچىلىرىنىڭ ئىنسان سىياقىغا كىرىۋالغان قاراڭغۇ ئەھۋاھلار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

461901
«تېررورلۇق ھۇجۇمچىلىرى ئىنسان سىياقىدىكى قاراڭغۇ ئەرۋاھلاردۇر»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان ۋاشىنگىتوندا خەلقئارا جەمئىيەتنى سۈرىيەلىك مۇساپىرلار ئۈچۈن خەلقئارالىق سەپەرۋەرلىك ھەرىكەتلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە چاقىردى. ئەمىنە ئەردوغان سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى تەرىپىدىن چاقىرىلغان «سۈرىيەلىك مۇساپىرلار» تېمىلىق يىغىندا سۆز قىلغاندا، باراك ئوبامانىڭ «كۆچمەنلىك ئامېرىكىنىڭ تۇغۇلۇش ھېكايىسى ھېسابلىنىدۇ» دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «نىجىس سىياسەتنىڭ قۇلۇپلىرىنى ئاچالايدىغان بىردىن - بىر ئاچقۇچ ۋىجداندۇر. سۈرىيەدىكى ئىنسانىي كىرىزىس بولۇپ، زالىم بەششار ئەسەدنىڭ زۇلمىدىن قاچقان مىليونلارچە ئىنسان شۇنچە كەڭ جاھاننىڭ مېھرى – شەپقىتىگە ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ. تۈركىيە بۇ ھەقتە ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى يولغا قويۇۋاتىدۇ. بىزگە نىسبەتەن ئۇلار مۇساپىر ئەمەس، ئەكسىچە مېھماندۇر.» ئەمىنە ئەردوغاننىڭ كۈنتەرتىپىدە تېررور مەسىلىسىمۇ بار ئىدى. تېررورىزمنىڭ خەلقئارالىق مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەمىنە ئەردوغان پۈتكۈل دۇنياغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىزگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، مادرىدتا، لوندوندا، پارىژدا ۋە بىريۇسسېلدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرەدىكىدىن قىلچە پەرقى يوق. كىم ئېلىپ بارغان بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، تېررورنىڭ مەنبەسى بىردۇر. تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بارغانلار ئىنسان سىياقىغا كىرىۋالغان قاراڭغۇ ئەھۋاھلاردۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر