گوللاندىيە ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلدى

گوللاندىيە تۈركىيەنىڭ بېلگىيەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى جىنايەتچىسى ئىبراھىم ئەلباكراۋىنىڭ چېگرادىن قايتۇرۇۋېتىلگەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئېلىخەتنى كېچىپ كۆرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.

461871
گوللاندىيە ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوللاندىيە بىخەتەرلىك ۋە ئەدلىيە مىنىستىرى ئارد ۋاندېر ستېيۇر تۈركىيەنىڭ ئىبراھىم ئەل باكراۋىنى قايتۇرۇۋەتكەنلىكى ھەققىدە پارلامېنتتا دوكلات بەردى. ئۇ ئېلىخەت ئوقۇلغاندا ئىبراھىم ئەلباكراۋىنىڭ ئامىستېردامغا بېرىپ بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ تۈركىيەنىڭ ئەل باكراۋىنى چېگرادىن قوغلىماستىن بۇرۇن ئۆزلىرىگە تېلېفون قىلىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ ئەلباكراۋىنىڭ گوللاندىيە پۇقراسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ قانۇنىي جەھەتتىن بىلدۈرۈش مەجبۇرىيىتىنىڭ يوقلۇقى توغرىسىدىمۇ بېشارەت بەردى.

ئۇ ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) تەييارلىغان تېررورلۇق تىزىملىكىدە، ئەلباكراۋىنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئىسمى بارلىقىنى خاتىرىلەتتى ۋە ئامېرىكىدىن تېخىمۇ كەڭ مەلۇماتلارنى ئورتاقلىشىشنى تەلەپ قىلدى.

بىراق، گوللاندىيەدە يەنە بىر سەتچىلىك ئاشكارىلاندى. ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ بىريۇسسېلدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بېرىشتىن ئالتە كۈن بۇرۇن، ئادەم بومبا ھۇجۇمىنى پەيدا قىلغان ئەلباكراۋىنىڭ قېرىنداشلىرى توغرىسىدا گوللاندىيەنى ئاگاھلاندۇرغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

گوللاندىيە دائىرىلىرى ئەتىسى بېلگىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا، 16 – مارتتا ئېلىنغان ئىبراھىم ۋە خالىد ئەلباكراۋىلارنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى پەيدا قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى بۇ مەلۇماتنى يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر