ئەردوغان بىلەن ئوبامانىڭ رەسمىي كۆرۈشمەسلىكى تالاش-تارتىش پەيدا قىلدى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلە ن ئامېرىكا پىرىزېدېتنىنىڭ غەيرى رەسمىى كۆرۈشىدىغانلىقى تالاش-تارتىش پەيدا قىلدى.

461487
ئەردوغان بىلەن ئوبامانىڭ رەسمىي كۆرۈشمەسلىكى تالاش-تارتىش پەيدا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 31-مارتتىن 1-ئاپرېلغىچە چاقىرىلىدىغان يادرو خەۋپسىزلىك ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ۋە ئۇچرىشىشلاردا بولۇش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگىتونغا يېتىپ كەلدى.

ئەردوغان ۋاشىنگىتوندا قىزغىن كۈتۈۋېلىندى. ئۇ قونماقچى بولغان مېھمانساراينىڭ ئالدىغا ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى ئىشتاتلىرىدا ياشاۋاتقان تۈركلەر سەلدەك ئاقتى.

«ئىشەنچىلىك لىدەر خوش كەپسىز، مىللەتنىڭ ئادىمى، سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنى ھىمايە ئاستىغا ئالغانلىقىڭ ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمىز» دېگەن شوئارلارنى توۋلاشقان كىشىلەر، تۈرك بايرىقىنى ئېچىپ ئەردوغانغا سۆيگۈسىنى ۋە ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈشتى.

ئەردوغان بىلەن رەپىقىسى ئەمىنە خانىم تۈركلەر بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئەردوغان مېھمانساراينىڭ ئالدىدىكى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، يادرو خەۋپسىزلىك ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدىغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈپ، تۈرك-ئامېرىكا كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغىمۇ ئىشتىراك قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان مېھمانسارايغا ئورۇنلشىپ بولغاندىن كېيىن، بەزى تەتقىقات ۋە چۈشەنچە مەركەزلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

مەتبۇئاتقا يېىپىق ھالدا ئۆتكۈزۈلگەن كۆرۈشۈشكە ئامېرىكا پىرىزېدېنتى باراك ئوبامانىڭ ياردەمچىسى، ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ياۋروپا مۇناسىۋەتلىرى ئىشخانىسى باشلىقى كارېن دونفرىد، ۋاشىنگىتون ئىنستېتۇتى باشلىقى مايكېل سايىن، ۋودروۋ ۋىلسون مەركىزى باشلىقى جېيىن ھەرمەن، گىئورگېتوۋىن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پاكۇلتىتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور جوئېل ھېلمەن، جونىس ھوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىزمەت قىلىدىغان پىروفېسسور ۋەلى ناسىر قاتارلىق شەخسلەر ۋە ئاكادېمىكلار ئىشتىراك قىلدى.

كۆرۈشۈشكە يەنە تۈركىيە تەرەپتىن ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي سىياسەتلەر مىنىستىرى سەما رامازانئوغلۇ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى بەراك ئالبايراك، ياشلار ۋە تەنتەربىيە ئىشلىرى مىنىستىرى ئاكىف چاغاتاي كىلىچ ۋە ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى مۇستافا ئەلىتاش قاتارلىق مىنىستىرلارمۇ قاتناشتى.

بۇ ئارىلىقتا، ئاقساراي پىرىزېدېنت باراك ئوباما بىلەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ زىيارەت ئەسناسىدا غەيرى رەسمىي كۆرۈشىدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

ئاقساراي باياناتچىسى جوش ئېرنېست ئەردوغان بىلەن ئوبامانىڭ رەسمىي كۆرۈشمەسلىكىدە ئالاھىدە سەۋەب يوقلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئېرنېست بۇ قېتىمقى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا 50دىن ئارتۇق دۆلەت رەھبىرى ئىشتىراك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەردوغاننىڭ مۇئاۋىن پىرىزېدېنت جو بايدىن بىلەن رەسمىي كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر