كانادادا يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

كانادادا كىچىك بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىپ، 7 كىشى قازا قىلدى.

461466
كانادادا يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، كانادانىڭ كۇبېك ئۆلكىسىگە قاراشلىق Havre-aux-Maisons رايونىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە قازا قىلغانلار ئارىسىدا كانادالىق داڭلىق سىياسىيون، سابىق قاتناش مىنىستىرى ۋە سابىق فېدېرال پارلامېنت ئەزاسى Jean Lapierre بىلەن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن بىرقانچە كىشىمۇ بار ئىكەن. ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىشىگە ھاۋا شارائىتىنىڭ ناچار بولۇشى سەۋەب بولغان دەپ قارالماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر