بىريۇسسېل ۋە پارىژ ھۇجۇملىرى بىر – بىرگە مۇناسىۋەتلىكمۇ؟

بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا 22 – مارت يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن باشلانغان تەكشۈرۈشلەر داۋام قىلىۋاتىدۇ.

458041
بىريۇسسېل ۋە پارىژ ھۇجۇملىرى بىر – بىرگە مۇناسىۋەتلىكمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلگىيەدە تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن باشلانغان تەكشۈرۈشلەر دائىرىسىدە، ھۇجۇمغا چېتىشلىقى بارلىقىدىن گۇمان قىلىنغان ئالتە ئادەم تۇتۇلدى. بېلگىيەدە ھۇجۇمنىڭ تەسىرىدە ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىقىرىلغان بىخەتەرلىك سەۋىيەسى بىر دەرىجە چۈشۈرۈلدى. ئەمما، دائىرىلەر يېڭى بىر ھۇجۇمنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرماقتا.

يەنە بىر تەرەپتىن، فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرىكەتلەردە تېررورلۇق ھۇجۇمىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان بىر ئادەم تۇتۇلدى. ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى فىرانسىيە پۇقراسى بولغان گۇماندارنىڭ بىر قانچە ھەپتە داۋاملاشقان تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە تۇتۇلغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ: «ھەرىكەتلەر ئۈچۈن ياۋروپا مىقياسىدىكى بىخەتەرلىك ئورگانلىرى زىچ ھەمكارلىشىپ، نازارەت ئاستىغا ئالدى. ھۇجۇم بىلەن دۆلىتىمىزگە چوڭ زەربە بېرىش مەقسەت قىلىنغان ئىدى» دېدى. ئۇ بۇ يىل بېشىدىن تارتىپ 75 ئادەمنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە تۇتۇلغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇ پارىژ بىلەن بىريۇسسېلدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ئارىسىدا ئۆزئارا چېتىشلىقنىڭ بار – يوقلۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق دەلىلىنىڭ تېپىلمىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

تۈنۈگۈن (24 – مارت) ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەدلىيە ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىرى مۇھىم يىغىن چاقىردى. يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ياۋروپا پارلامېنتىدىن يولۇچىلار تىزىملىكىنى ئەزا دۆلەتلەرگە ئەۋەتىش تەكلىپ قىلىنغان يولۇچىلار تىزىملىكىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىنى، مۇھىملىقى سەۋەبىدىن بالدۇرراق قوبۇل قىلىش تەلەپ قىلىندى.

بەلگىلىمىدە، تېررورلۇق ۋە ئېغىر جىنايەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بېكىتىش، تەكشۈرۈش ۋە ئەدلىيە جەھەتتىن كۆزىتىش ئۈچۈن ئايروپىلان يولۇچىلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىنى ئەزا دۆلەتلەرگە ئەۋەتىش مەقسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، شەخسىي ئۇچۇرلارنىڭ مەخپىي بولۇش پىرىنسىپى سەۋەبىدىن ئوتتۇرىغا چىققان تالاش – تارتىشلار ھازىرغىچە داۋام قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر