ئىككى ئەزەبەيجان ئەسكىرى يارىلاندى

بىر ھەپتىدىن بۇيان ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە ئالدىنقى سېپىدە چىققان ئېتىشىشلاردا، ئىككى ئەزەربەيجان ئەسكىرى يارىلاندى.

457542
ئىككى ئەزەبەيجان ئەسكىرى يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە ئالدىنقى سېپىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، ئەرمېنىيەنىڭ ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى (AGİT) مىنسىك گۇرۇپپىسىنىڭ نورۇز ۋە پاسكاليا بايراملىرى جەريانىدا ئۇرۇش توختىتىش پىرىنسىپىنى بۇزماسلىق توغرىسىدىكى چاقىرقىغا قۇلاق سالماي، پىرىنسىپقا بىر تەرەپلىمىلىك بىلەن بۇزغۇنچىلىق سالغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، نورۇز بايرىمى ھارپىسىدا ۋە نورۇز باشلانغان كۈنلەردە ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ ئاھالىلەر رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، بايرامدا ئۇرۇش توختىتىش پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئىككى ئەسكەرنى يارىدار قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر