يەمەندىكى توقۇنۇشلاردا 40 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى
يەمەننىڭ تەئىز شەھىرىدە مەيدانغا كەلگەن توقۇنۇشلاردا 40 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.
454597
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۇسىيلار بىلەن پىرېزىدېنت مەنسۇر ھادى تەرەپدارى كۈچلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇشلار يەمەننىڭ تەئىز شەھىرىگە مەركەزلىشىپ قالدى. دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرىنى قولغا كىرگۈزۈشنى پىلانلاۋاتقان ھۇسىيلار، شەھەردىكى ئاھالىلەر رايونلىرى راكېتامىيوتلارنى ئېتىپ ھۇجۇم قىلدى. ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى توقۇنۇشتا 29 ى ھۇسىي، 11 نەپىرى ھادى تەرەپدارى بولۇپ جەمئىي 40 ئادەم ئۆلدى، 31 ئادەم يارىلاندى.