«پۇتىن بەششار ئەسەدكە تۇتقان پوزىتسىيەنى ئۆزگەتتى»

غەرب دىپلوماتلىرى رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننىڭ بەششار ئەسەدكە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتكەنلىكىگە ئىشىنىشكە باشلىدى.

453029
«پۇتىن بەششار ئەسەدكە تۇتقان پوزىتسىيەنى ئۆزگەتتى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹يېڭى شەپەق› گېزىتى» ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «‹ ئىندىپېندېنت› گېزىتى» دىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بەششار ئەسەدنى كۆزدىن چىقارغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈشكە باشلىشى بىلەن تەڭ ھەر خىل ئانالىزلار ئېلان قىلىنغان، جۈملىدىن غەرب دىپلوماتلىرى رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننىڭ بەششار ئەسەدكە بولغان پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتكەنلىكىگە ئىشىنىشكە باشلىغان. «‹ ئىندىپېندېنت› گېزىتى» نىڭ جەنۋەدىكى مۇخبىرى لاۋرانىڭ بىلدۈرۈشىچە، پۇتىن تۇيۇقسىز رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى جاكارلىغان. «‹ ئىندىپېندېنت› گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، ئەمما ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان غەرب دىپلوماتلىرى: «پۇتىننىڭ ئەسەدكە قاراشلىق ئەمەسلىكىنى چۈشىنىمىز. رۇسىيە بەششار ئەسەدنىڭ ۋەزىيەتنى مۇقىمسىزلاشتۇرىدىغان كۈچ ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئەگەر سۈرىيەدە تىنچلىقنى ياقىلايدىغان ئۆتكۈنچى ۋەزىيەت بارلىققا كەلسە، بەششار ئەسەد تەختىدە ئولتۇرالمايدۇ» دېگەن. لېكىن غەرب دائىرىلىرى: « سېنتەبىر ئېيىدا باشلىغان ھاۋا ھۇجۇمىغا سېلىشتۇرغاندا، رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدە بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاۋا بومباردىمانلىرى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ» دەپ قارايدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر