رۇسىيەدە مۇخبىرلار ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
رۇسىيەنىڭ كاۋكاز رايونىدا مۇخبىرلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ھۇجۇمغا ئۇچراپ كۆپ ساندا كىشى يارىلاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، نىقابلىق زوراۋانلار ئىنگۇش ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېچېنىيە چېگراسىغا يېقىن گروزنىغا كېتىۋاتقان 5 ى مۇخبىر بولۇپ، جەمئىي 9 كىشى ئولتۇرغان ئاپتوبۇسقا ھۇجۇم قىلغان، زوراۋانلار شوپۇرنى ئۇرغاندىن كېيىن ئاپتوبۇسقا ئوت قويۇپ بېرىپ، ئىچىدىكىلەرنى تىرىك كۆيدۈرۈۋېتىشكە ئۇرۇنغان. ھۇجۇمدا نورۋېگىيەلىك بىر مۇخبىر بىلەن شىۋېتسىيەلىك بىر مۇخبىرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 6 كىشى يارىلانغان. مۇخبىرلارنىڭ پۇل، يانفۇن ۋە پاستپور قاتارلىق نەرسە - كېرەكلىرى ئوغرىلاپ كېتىلگەن. بۇ ۋەقە يۈز بېرىپ، بىرقانچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن ئىنگۇش ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ قارابۇلاق شەھىرىدە 5 ئاپتوموبىل بىلەن كەلگەن قوراللىقلار بىر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بىيۇروسىغا بېسىپ كىرىپ، بىخەتەرلىك كامېراسى، ئىشىك ۋە نەرسە – كېرەكلەرنى چېقىۋەتكەن. بەختكە يارىشا ئىچكىرىدە ھېچكىم بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن. ئىگىلىنىشىچە، زوراۋانلارنىڭ كىملىكى تېخىچە نەمەلۇم بولۇپ، موسكۋا ھۇجۇمنى ئەيىبلىگەن ھەمدە ۋەقەنىڭ كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرغان.