سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن 687 ئادەم ئۆلدى

سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان 27- فېۋرالنىڭ مابەينىدە 687 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

445848
سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن 687 ئادەم ئۆلدى
suriye saldırı.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنغان رايونلاردا يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە 135، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ سىرتىدىكى جايلاردا بولسا، 552 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىنغانلىق توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئارقا – ئارقىدىن كېلىۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، ئىناۋەتلىك ئورنىنى ساقلاپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر