ياپونىيە بىلەن فىلىپپىن خىتايغا قارشى ئىتتىپاق تۈزدى

ياپونىيە بىلەن فىلىپپىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى كىرىزىسى تۈپەيلى قوراللىنىش ھەرىكەتلىرى قىزىپ كەتكەن ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدا خىتايغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى.

442645
ياپونىيە بىلەن فىلىپپىن خىتايغا قارشى ئىتتىپاق تۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئىككى مۇھىم ئىتتىپاقدىشى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىم دائىرىسىدە دەسلەپكى قەدەمدە فىلىپپىنگە رازۋېدكا ئايروپىلانلىرىنىڭ بېرىلىشى پىلانلانماقتا.

فىلىپپىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋولراتىيە گازمىننىڭ ئېيتىشىچە، كېلىشىم دۆلەت مۇداپىئەسى تېخنولوگىيەسى ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىشتىن سىرت يەنە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئورتاق تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ۋە مۇداپىئەنى كۈچەيتىش لايىھەلىرىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىكەن؛ فىلىپپىن بىلەن ياپونىيەنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشى، فىلىپپىننىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈپ، رايوندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىشىغا ھەسسە قوشىدىكەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، كېلىشىمنىڭ تۈزۈلۈشىدە بولۇپمۇ خىتاينىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى تۈرلۈك ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئۆزىگە تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشى سەۋەب بولغان ھەمدە بۇنىڭغا ئىنكاس سۈپىتىدە دەسلەپكى قەدەمدە ئىجابىي قەدەملەر تاشلانغان. ياپونىيە بىلەن فىلىپپىن بۇلتۇر قوشما دېڭىز مانېۋىرى ئۆتكۈزۈپ، بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر