سەئۇدى ئەرەبىستان F-15E لىرى ئىنجىرلىككە قوندى

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەر ئۈچۈن تەشكىل قىلىنغان بىرلەشمە قىسىمدىن ئورۇن ئالغان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تۆت دانە F-15E ئايروپىلانى ئادانادىكى ئىنجىرلىك ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قوندى.

440162
سەئۇدى ئەرەبىستان F-15E لىرى ئىنجىرلىككە قوندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 5مىڭ كىلومېتىرغىچە يېتىپ بارالايدىغان ۋە سائىتىگە 3 مىڭ كىلومېتىر تېزلىكتە ئۇچالايدىغان F-15 لەر، بۈگۈن (26 – فېۋرال) ئەنقەرە ۋاقتى 13:30 دا ئىنجىرلىك بازىسىغا قوندى.

F-15E كۈرەشچى ئايروپىلانى يۇقىرى ئىقتىدارغا ئىگە، نىشانىغا يېقىنلىشالايدىغان بولۇپ، بومبا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتالايدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ F-15E لىرى، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىمنىڭ رايوندىكى ھاۋا ھەرىكەتلىرى ۋە تۈركىيەنىڭ چېگرا بىخەتەرلىكىنى قوغداش ھەرىكەتلىرىدە ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە ئەۋەتىلىدىغان ئايروپىلان سانىنى تۆت، ھەربىي خادىم سانىنى 15 دەپ ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ بايانات ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، « C-130» تىپلىق تىرانسىپورت ئايروپىلانى ۋە ئەشيالار ئاداناغا ئېلىپ كېلىنگەن ئىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان 2010 – يىلى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى يېڭىلىغان بولۇپ، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ تەستىقى بىلەن ئوخشىمىغان تىپتىكى 84 دانە F-15 سېتىۋېلىنغان ئىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىنجىرلىك ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ئايروپىلان ئەۋەتىدىغانلىقى، 13 – فېۋرال تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇمۇ قاتناشقان «مىيۇنخېن» خەۋپسىزلىك كونفېرانسىدا ئېنىق بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر