ئەلىيېۋ بىلەن پۇتىن تېلېفوندا كۆرۈشتى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، سۈرىيەدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى مۇزاكىرە قىلدى.

439344
ئەلىيېۋ بىلەن پۇتىن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئېلان قىلغان باياناتتا، ئىككى رەھبەرنىڭ ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەنلىكى قەيت قىلىندى.

تېلېفون سۆھبىتىدە يەنە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرى ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر