«خىىتاي سۈنئىي ئارال ياساش نىيىتىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك»

ئامېرىكا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاىسيا ئەللىرى ئىتتىپاقى يىغىندا جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىدى.

434484
«خىىتاي سۈنئىي ئارال ياساش نىيىتىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدا چاقىرىلغان ئامېرىكا - شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەر يىغىنىنىڭ ئاخىرقى كۈنى رەھبەرلەر تالاش – تارتىشلىق جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەشتى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما يىغىدىن كېيىن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلانى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكا -شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ رايون تەرتىپىنى قوغداش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى ھەمدە يىغىنغا قاتناشقان باشقا رەھبەرلەر بىلەن جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى جىددىيچىلىكنى پەسكويغا چۈشۈرۈش توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى، جىددىيچىلىكنىڭ سۈنئىي ئارال ياساش، يېڭى قۇرۇلۇش ۋە ھەربىيلەشتۈرۈش ئېلىپ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاينى دېڭىز تىندۇرۇپ ئارال ياساشنى توختىتىشقا چاقىردى، تىرانسپورت ئەركىنلىكىنىڭ قوغدىلىشى، سودىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى، ئىگىلىك ھوقۇق دەۋاسى قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرگە ھۆرمەت قىلىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر