ب د ت تۈركىيە توغرۇلۇق قارار ماقۇللىمىدى

تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د نىڭ سۈرىيەدىكى قارارگاھلىرىغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىشى توغرۇلۇق يىغىن چاقىرغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن بۇ ھەقتە ھېچقانداق بىر قارار چىقمىدى.

434370
ب د ت تۈركىيە توغرۇلۇق قارار ماقۇللىمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:

تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د نىڭ سۈرىيەدىكى قارارگاھلىرىغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىشى توغرۇلۇق يىغىن چاقىرغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن بۇ ھەقتە ھېچقانداق بىر قارار چىقمىدى.

خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ فېۋرال ئېيى باشلىقى ۋېنېسۇئېلانىڭ دائىمىي ۋەكىلى رافائېل رامىرېز كارېنو يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەزالىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ شىمالىي سۈرىيەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە تۈركىيەنى خەلقئارا قانۇنغا رىئايە قىلىشقا چاقىرىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بولۇپمۇ غەرب ئەللىرى دىپلوماتلىرى يىغىنىدا بۇ ھەقتە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنالمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن كارېنو كېيىنچە بۇرۇنقى سۆزلىرىدىن يېنىۋېلىپ، «خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەزالىرى سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئۇنسۇرلىرىنىڭ بومبىلىنىشى ۋە نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى» دېدى. خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بۇ ھەقتە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى، ئەمما قارار ماقۇللانمايدىغانلىقىنى قەيت قىلغان كارېنو، «بىز يىغىندا بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرىمىزنى ئورتاقلاشتۇق، بىراق ھېچقانداق قارار ئالمىدۇق، شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەيمەنكى، خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە بۇ ھەقتە نە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى، نە باياننامە، نە قارار ماقۇللانمىدى» دېدى.

تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى خالىد چەۋىكمۇ كارېنونىڭ ئىككىنچى باياناتىدىن بۇرۇن خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئورتاق قارار ئېلىنمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر