بەخت - سائادەت مىنىستىرلىقى قۇرۇلدى

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە «بەخت - سائادەت مىنىستىرلىقى» ۋە «خۇشپېئىللىق مىنىستىرلىقى» قۇرۇلدى.

429707
بەخت - سائادەت مىنىستىرلىقى قۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى باش مىنىستىرى، قوشۇمچە دۇبەي ئەمىرى مۇھەممەد بىن راشىد ئەلمەكتۇم ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈش مەقسىتىدە مەزكۇر ئىككى مىنىستىرلىقنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى، «بەخت - سائادەت مىنىستىرلىقى» نىڭ دۇنيا تارىخىدا تۇنجى قېتىم قۇرۇلغان مىنىستىرلىق ئىكەنلىكىنى، بۇ مىنىستىرلىقتىن جەمئىيەتتە ھۇزۇر چېچەكلىرىنى ئېچىلدۈرۈش، خۇشپېئىللىق مىنىستىرلىقىدىن جەمئىيەتتە مېھرى - شەپقەت ئورنىتىش مەقسەت قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر