جەنۇبىي كورېيە خىتاينى ئاگاھلاندۇردى

سېئۇل خىتاينىڭ ھەربىي ئايروپىلانلىرىنىڭ جەنۇبىي كورېيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقى سەۋەبلىك بېيجىڭنى ئاگاھلاندۇردى.

426510
جەنۇبىي كورېيە خىتاينى ئاگاھلاندۇردى
Güney Kore Çin

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹ Yonhap › خەۋەر ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جەنۇبىي كورېيە باش ئىشتاب باشقارمىسىنىڭ باياناتچىسى خا كيۇ بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايغا تەۋە ئىككى ھەربىي ئايروپىلاننىڭ جەنۇبىي كورېيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكى بولغان جېجۇ ئارىلى ئەتراپىغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى، جەنۇبىي كورېيەنىڭمۇ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

جەنۇبىي كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىلەن ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، رايونغا ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى دەپمۇ ئاتىلىدىغان ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەۋسىيە قىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي ھەربىي ئايروپىلانلىرىنىڭ جەنۇبىي كورېيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرىشى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنى تېخىمۇ كەسكىنتەشتۈرۈۋەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر