29 دائېش مىلىتان ئۆلتۈرۈلدى

ئافغانىستاننىڭ نانگارھار شەھىرىدە دائېش نىشان قىلىنغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە 29 مىلىتان ئۆلتۈرۈلدى.

426394
29 دائېش مىلىتان ئۆلتۈرۈلدى
afganistan nato operasyon

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نانگارھار ۋالىي مەھكىمىسى باياناتچىسى ئاتائۇللاھ ھوڭياناي بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، تۈنۈگۈن كېچە شەھەرنىڭ ئاچىن ناھىيەسىدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى كۈچلىرىنىڭ ياردىمى ئاستىدا دائېش بازىلىرىغا ئۇدا 4 قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، ھۇجۇملاردا دائېشنىڭ ئىنتېرنېت مۇلازىمەت مەركىزى ۋە رادىرو ئىستانسىسىنڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقىنى، 29 مىلىتانىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر